كورلا تەكلىپ مۇسابىقسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلدى ، بۇ مۇسابىقىگە كورلا تەكلىماكان كوماندىسى ، بۈگۈر دىنار كوماندىسى ۋە شىنجاڭ ھۇررا كوماندىسى قاتناشقان بولۇپ ، ھۇررا كوماندىمىز 26-چىسلا كورلا دىيارىغا بارغاچقا ، مۇسابىقىنى چۈشتىن كىيىنگە ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە چۈشتىن بۇرۇن تەكلىماكان كوماندىسى بىلەن دىنار كوماندىسى بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 3 گە قارشى 5 نەتىجە بىلەن تەكلىماكان كوماندىسى يەڭگەن ، دىنار كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى 27- چىسلا ئىمتىھانى بولغاچقا ، 26- چۈشتىن كىيىن ھۇررا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينىۋىتىشنى ئىلتىماس قىلغان ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىمىز 11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كىيىن 2:30 دە ئوينالدى ، مۇسابىقىگە گەرچە شىنجاڭ ھۇررا كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى ، شىنجاڭ پۇتبۇل چولپىنى ئەكرەمجانمۇ بارغان بولسىمۇ لېكىن مۇسابىقىنىڭ قىزىشى ئۈچۈن ئاخىرىدا مەيدانغا چىقىرىدىغان قىلىپ بىكىتىپ مۇسابىقىنى يىڭىچە سەپ شەكلى بىلەن يەنى 4-3-1-2 سەپ شەكلىدە ئوينىدۇ .
بىكلەر : كىچىك ئۆمەر ، قەھرىمان ، مەمەت يۈسۈپ ، ئىمىنجان
ئوتتۇرا مەيدان : زۇبەيىر ، ئىنايەت ، بەختىيار
ئالدى بەل : رازاقجان
ھۇجۇمچى : ئۆمەر ، دىلمۇرات
بۇ ھۇجۇم سەپ شەكلى بولۇپ ، قارشى تەرەپ بىكىگە بەكلا چوڭ بىسىم بولاتتى ......شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە باشلىنىپ ، 5 مىنۇت بولمايلا بۇ سەپ شەكلىنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق ، يەنى ئىنايەت ئوڭ تەرەپتىن توپ ئىكىرىپ بىكلىرىنى ئالداپ ئۆتۈپ بىر توپ ئۇردى ، كەينىدىنلا 2 مىنۇت ئۆتمەي ، ئۆمەر سول تەرەپتىن كۆتۈرگەن توپنى كاللىسى بىلەن ئۈسسۈپ ئۇرۇپ يەنە بىر توپ ئۇردى شۇنداق قىلىپ ، ھۇجۇمنى ياغدۇرۋەتتۇق. قارشى تەرەپ چۈشتىن بۇرۇن مۇسابىقە ئوينىغاچقا خېلىلا چارچاپ قالغاندەك قىلاتتى ، يەنە كىلىپ قارشى تەرەپ كوماندىسى تېخى قۇرۇلغىنىغا يېرىم يىل بولمىغان يىڭى كوماندا بولغاچقا يەنە كىلىپ سىستىمىلىق مەشىق ، چوڭ مۇسابىقە ئويناپ باقمىغاچقا سەل ئىشتىن سىرت سەۋىيىدە ئىدى .....شۇنداق داۋاملىشىپ يۈرۈپ ، مۇسابىقە 30 مىنۇت بولغىچە نەتىجە 8-0 بولۇپ بولدى ، ئاڭغىچە بىز سەپ شەكلىنى 4-5-1 گە ئۆزگەرتىپ ، مەمەتجان ، ئابلاجان ، ئارسلانلارنى مەيدانغا چىقاردۇق ، ئوتتۇرا مەيداندا 5 ئادەم بولغاچقا ، بىكلىرىمىزگە بەكمۇ بىسىم چۈشمىدى.... كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ ، زاپاس ۋارتارىمىز ئەسقەرجان، مەن ، مەمەتئىلى ، ئەنۋەر قاتارلىق ھۇررانىڭ مويسىپىتلىرىمۇ مەيدانغا چۈشۈپ ، ھەر بىرىمىز بىردىن توپ ئۇرىۋالدۇق ، مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا 20 مىنۇت قالغاندا كەڭ مەستانلارنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئەكرەم مەيدانغا چۈشتى ، بۇ چاغدا نەتىجە 12-0 بولۇپ بولغان ئىدى ، ئەكرەم مەيدانغا چۈشۈپ بالىلارغا توپ ئۇرۇشنى ئاساس قىلماي چىرايلىق پاسلىشىپ ئويناشنى تەۋسىيە قىلىپ مەيداننىڭ سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرۋەتتى ، ئۇ ئوتتۇرا ئالدى مەيداننى قاتتىق كونتىرۇل قىلىپ ، قانداق پاس بېرىش ، قانداق ئورۇن ئېلىشنى مەشىق قىلدۇرغاچ ھۇجۇم تەشكىللىدى ، ئارقىدىن ئەكرەم ئۆزى بىر توپ ئالداپ ئىكىرىپ ، بىك ۋە ۋارتانى نەچچە قىتىم ئالداپ ئاخىرى توپنى ۋارتاغا ئىتتتىرىپ قويدى ..... ئاخىرىدا دىنار كوماندىسى قاتتىق چىڭ ئويناپ ھەم بوشاشماي( بەلكىم ئەكرەمنى كۆرۈپ ھاياجانلانغاندۇ ....) بىر ھۇجۇم بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 13- 1 قىلدى ، ھەممىمىز دىنار كوماندىسى ئۈچۈن چاۋاقلارنىمۇ چىلىشتۇق ....ۋاقىت ئاز قالغانلىقىنى بىلىۋالدىمۇ ئەڭ ئاخىرقى توپ باشلاشتا ئەكرەم ئوتتۇرا مەيداندىنلا توپنى ۋارتارغا تىپىپ توپنى گارغا تەككۈزۈپ قويدى ، رىپىرمۇ دەل ۋاقتىدا پۈشتەكنى چىلىپ ، مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى غەلبىمىز قولىمىزغا كەلدى ، دىنار كوماندىسىدىكى ياش ئەزالار" ھۇررادىن ئۈگىنەيلى "دەپمۇ توۋلىدى ، ھۇررا ئەزالىرىمۇ دىنار ئەزالىرىنى "يارايسىلەر، غەيرەت قىلدىڭلار" دەپ ماختاپ كەتتى .....ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ئوپچە رەسىمگە چۈشۈپ ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى ، بولۇپمۇ ئەكرەم يەنە بىكار قالماي باشقىلارغا ھەمرا بولۇپ رەسىم چۈشدى ......بىز نەرسىلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ، ياتاققا يۈرۈپ كەتتۇق .....








پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە فىلىمى :
|