![]() ![]() 2012- يىلىنىڭ زىمىستان قىشلىرىدا ، ھۇررا كۇلۇبى ئەزالىرى مۇھىمى ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ بىربىرى بىلەن ھەرۋاقىت مۈرىنى مۈرىگە تېرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇش ھەمدە كۇلۇب پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن ، 25- يانۋار چۈشتىن بۇرۇن يىغىلىپ ، ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىدىكى جەنۇبى تاغ رايۇنى قۇياش نۇرى قار تىيلىش مەيدانىغا يۈرۈپ كەتتى .....گەرچە بارغان ئادەم 12 بولسىمۇ لېكىن بۇ 12 ئادەمنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ ، ھۇررا كۇلۇبىنىڭ باش مۇئاۋىن رەئىسلەردىن باشقا ھۇررا كوماندىسى ۋە ھۇررانىڭ باشقا يۇرتتىكى مۇھىىم ئەزالىرىمۇ بار ئىدى ...ھەراسىت ، ھۇررانىڭ ئەڭ كىچىك ئەزاسى " چىن تۆمۈر باتۇر " بار ئىدى .....1 سائەت يول يۈرۈپ ، ساق سالامەت بېرىۋالدۇق ھەمدە ئىككىگە بۆلىنىپ ، بىرىنچى گۇرۇپ رەسىم تارتىش ، غەيۋەت قىلىش ۋە خەقلەرنىڭ يىقىلغىنىدىن بەھرىمان بولۇش مەسئۇل . ئىككىنچى گۇرۇپ قار تىيلىش مەيدانىدا چاڭ چىقىرۋىتىشقا مەسئۇل بولدى ....شۇنداق قىلىپ بىر كۈنلۈك پائالىتىمىز چانا تىيلىش ، چەمبىرەك ئويناش ۋە تاماق يىيىشلەر بىلەن تۈگىدى ، ئارلىقتا ھەيئەت ئەزالىرى بۇ يىللىق پىلانلارنى سۇقۇپ قويدۇق ، بۇ پىلاننىڭ نەتىجىسىنى يېقىندا جاكارلايمىز ...... گەرچە بۇ پائالىيىتىمىز پۇتبۇل بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ بىز ئۆز يۇرتمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى (قار تىيلىش ھەركىتى ) قوللاش بىلەن بىرگە ، ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرى جەم بولۇپ ، كۇلۇبىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ، يۇرتىمىز پۇتبۇلچىلىقىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن باش قاتۇرۇشتۇق ھەم بەزىبىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىلىرىمىز ئېلىشتۇق .....باشقا يۇرتتىكى كۇلۇب ئەزالىرىنىڭمۇ يىغىلىشىپ ئۆز يۇرتلىتىنىڭ پۇتبۇلچىلىقى ۋە تەنتەربىيىسى ئۈچۈن كۆپرەك كۈچ چىقىرىىشنى ئۈمىد قىلىمىز .
ھۇرراجان 25- نويابىر |



