تۆۋەندە ھۇررا ئەھلىگە بىزنىڭ ھۇررا پۇتبۇل مەستانلىرى كۇلۇبى بايرىقى ئاستىدىكى ھۇررا كوماندىسىنى قوللىغۇچ شىركەت -- مىسران شىركتىىنىڭ سىلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى ، مىسران شىركىتىنىڭ تېخىمۇ روناق تىپىشىنى ، خەلقىمىزنىڭ ئۆز يۇرتىمىزنىڭ مىللىي كارخانلىرىنى كۆپرەك قوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن :
تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، گۆش تۈرىدىكى غىزالار ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرنىڭ يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تارىختىن بۇيان، خەلقىمىزدە ئۆيگە ئەزىز مېھمان كەلگەندە مال – چارۋىلانى بوغۇزلاپ گۆش پىشۇرۇپ داستىخانغا ئېلىپ چىقىشنى مىھماننىڭ ھۆرمىتى دەپ قارايدىغان، سەپەرگە چىققاندا ھەرخىل گۆشلەرنى پىشۇرۇپ، مۇھىم ئوزۇقلۇق قاتارىدا ئېلىۋالىدىغان يىمەك – ئىچمەك ئۆرپ – ئادىتى بار، بۇ ئادەت، ھازىرغا قەدەر، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى مۇجەسسەملىگەن ھالدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، گۆش تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر مەيلى كۈندىلىك ئىستېمالىمزدا بولسۇن ياكى ھېيت – بايرم ، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراق ۋە ھەرخىل يىمەك ئىچمەك سورۇنىلىرىمىزدا بولسۇن شاھانە ئورۇن تۇتۇپ كىلىۋاتىدۇ. شەك شۈبھىسىزكى بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئەمما ، خەلقىمىزنىڭ يىمەك ئىچمەك ئادىتىدە ئەنە شۇنداق مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كىلىۋاتقان گۆشلەرنى خەلقىمىزنىڭ ئۆرىپ ئادىتى بويىچە زامانىۋى تېخىنىكا بىلەن پىشىقلاپ ئىشلەيدىغان مىللى پۇقراۋى كارخانىنىڭ بولماسلىقى بىر بوشلۇق بولۇپ كەلگەن ئىدى، شىنجاڭ ئالىمپىيە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى مانا بۇ بوشلۇقنى تونۇپ يىتىپ، 2008– يىلى 11– ئايدا شىنجاڭ ئالىمپىيە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. شىنجاڭ ئالىمپىيە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتى ئېلىمىزنىڭ مۇھىم غەربى دەرۋازىلىرىنىڭ بىر بولغان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدىكى تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، قاتناش ناھايىتى قولايلىق.
شىركەت قۇرغۇچىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ گۆش ئىستېمال ئادىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بازارنى ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ گۆش ئىستېمال ئادىتىگە ئۇيغۇن بولغان، يىلىغا مىڭ توننا قېزا ئىشلەپچىقىرالايدىغان، گېرمانىيە تېخنىكىسى قوللىنىلغان، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن پىشىقلاپ ئىشلەش لىنىيىسىنى بەرپا قىلىدى، زاۋۇتتىكى ھەربىر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەھسۇلات تازىلىق سۈپىتىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە توخۇ ، كالا گۆشىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك ئادىتىگە ئۇيغۇن بولغان قېزا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىردىنبىر زاۋۇتنى روياپقا چىقاردى.
شىنجاڭ ئالىمپىيە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت كۆلىمى 2000كىۋادىرات مېتىر كىلىدۇ، توڭلىتىش ئىسكىلاتلىرى دۆلىتىمىزدىكى ئىلغار تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، مۇكەممەل قىلىپ ياسالغان. بۇ شىركەت دىيارىمىزدا بېقىلغان توخۇ ، كالا گۆشلىرىنى خام ماتىرىيال قىلىپ، ئۇنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا مىكروپسىزلاندۇرۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ئىستېمال قىلىشقا ئەپلىك، پىشىق قېزىلارنى ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالدى.
شىنجاڭ ئالىمپىيە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان ئىككى يېرىم يىلغا يېقىن ۋاقتتىن بۇيان، نۇرغۇن تەجىربىلەرنى ئىشلەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، ھازىرغىچە تۆت خىل تەملىك مىسران يۈرۈشلۈك قېزىلىرى ، مىسران بالجانلىرى ، مىسران ئاچچىق، مىسران ساماۋەر چۈرۈك قېزىسى ، مىسران دوخوپكا قېزىلىرى قاتارلىق 10نەچچە خىل مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى ۋە ئىستېمالىچىلارنىڭ قىزغىن ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى ھەمدە دىيارىمىزدا مۇسۇلمانچە قېزا ئىشلەپچىقرىدىغان مىللى پۇقراۋى كارخانا بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇردى.
شىنجاڭ ئالىمپىيە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، سۈپەتنى ئۆزىنىڭ مىزانى قىلدى، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرشتا دۇنيادىكى ئىلغار ھۈنەر سەنئەت تەرتىپىنى قوللانغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا «جۇڭگو پىشىق گۆشتىن ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەرنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى » ۋە «مۇسۇلمانچە يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈمى »دىكى ئۆلچەمدە قەتئىي چىڭ تۇردى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا HACCP (ئېچ ئېي سى سى پى) سېستىمىسى بويىچە مەشخۇلات قىلىدى، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يىمەكلىك تازىلىقى قانۇنى »غا ۋە خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەك – ئىچمەك ئادىتىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغاچقا بارلىق مەھسۇلاتلىرى دۆلەتنىڭ تۈرلۈك سۈپەت تەكشۈرۈشلىرىدە سۈپەتلىك مەھسۇلات بولۇپ باھالاندى شۇنداقلا، ناھايىتى تېزلا خەلقىمىزنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. ھەمدە يەنە 18–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ ئالىمپىە يىمەكلىك چەكلىك شىركىتى گېرمانىيە ، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن تېخنىكا كىرگۈزگەن، ئىككى نەپەر خادىمى ئوتتۇرا ئاسىيادا قېزا ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 10 نەپەر ياردەمچى تېخنىك، 40نەپەر مەشخۇلات خادىمى ، ئىككى نەپەر لابراتورىيە خادىمى ۋە 10نەپەر بازار ئېچىش خادىمى قاتارلىق 60نەچچە كەسپى خادىمدىن تەركىپ تاپقان يۇقىرى تېخنىكا بىلەن قۇراللانغان غول قوشۇنغا ئىگە.
خەلقىمىزنى سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش ۋە دۇنيا بازىرىنى ئېچىشنى كۆڭلىگەن بۇ، ئوغلانلار تەرەققىيات يولىدا دادىل قەدەم بىلەن ئىلگىرلىمەكتە.
تېلېفۇن : 0999-3291456
ئېلخەت:alpamix@hotmail.com
ئادىرسى : شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى سانائەت باغچىسى 1 - نۇمۇرلۇق زاۋۇت
مىسران شىركىتى تور ئادرىسى : www.misran.biz

