شىنجاڭ يىنىك سانائەت ئىنستۇتى كوماندىسى يەنى خاقان كوماندىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن ، ھۇررا كۇلۇبى پۇتبۇل كوماندىمىز 2-نويابىر چۈشتىن كىيىن سائەت 2:00 دە بىر مەيدان دوستانە مۇسابىقە ئوينىدۇق .
بۇ مۇسابىقە ھەپتە ئارلىقىدا ئوينالغاچقا ، كۆپ قىسىم كوماندا ئەزالىرىمىز ياكى دەرىس ياكى خىزمەت ۋە ياكى شەخىس ئىشلار بىلەن مۇسابىقە قاتنىشالماي قالدى ، مەن قۇشۇلۇپ جەمئىي 13 ئادەم بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشتى .
شىنجاڭ يىنىك سانائەت ئىنستۇتىنىڭ پۇتبۇل مەيدانى 9 كىشلىك مەيدان بولۇپ گەرچە سەل كىچىك بولغان بىلەن ناھايىتى يىڭى كۆركەم مەيدان ئىكەن ، ئۇنىڭغا بېقىپ بۈگۈن ھاۋامۇ خىلى ياخشى بولۇپ بەردى ،مەكتەپ تەرەپتىن بۇ مۇسابىقىگە خىلى ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ ، خەنزۇ ، قازاق ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كۆرگىلى كەلگەن ئىدى يەنە كىلىپ خەنزۇ رەھبەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بۇ مۇسابىقىنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغانمىش !
مۇسابىقە سائەت 2:00 دە نەق باشلىدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 3 مىنۇتتىلا بىزنىڭ ھۇجۇمچىمىز ئۆمەر بىر پاس توپنى ۋارتاغا ئۇرۋالدى ، نەتىجە 1-0 بولدى كەينىدىن سادىقجان بىر توپ ئۇردى ، شۇنداق ئۇرۇپ يۈرۈپ سائەتكە قارىسام 20 مىنۇت بولغىچە بىز قارشى تەرەپكە 3 توپ ئۇرۇپ بولدۇق ، قارشى تەرەپ مۇسابىقىگە ماسلىشىپ بولالمىدىمۇ ياكى بىزنىڭ ئوتتۇرا مەيدان بەك كۈچلۈكمۇ بىر ۋاققىچە ئوبدانراق ھۇجۇم تەشكىللىيەلمىدى لېكىن بىر قانچە پۇرسەتمۇ بولدىيۇ ھۇجۇمچىلىرى سەل خام بولغاچقا ۋارتاغا توپ ئۇرالمىدى شۇنىڭ ئويناپ يۈرۈپ ، مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتتا بىزنىڭ كوماندىمىز قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ ۋارتاسىغا 5 توپ ئۇرۇپ بولدى ، بۇنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ ئۆمەر 4 توپ ئۇرۇپ ، قالپاق ئويۇنىغا جامىيەن قىلدى ، بىر توپ قول توپ بولۇپ بىر نۇقتا توپمۇ ئۇردۇق....ئالدىنقى مەيدان 5-0 بىلەن ئاياقلاشتى .
كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ بىزنىڭ كوماندا ئەزالىرى سەل بوشۇشقا باشلىدى يەنە كىلىپ رىپىرلار شۇ مەكتەپنىڭ بالىلىرى بولغاچقا ئوفسايىت ۋە قائىدىگە خىلاپ بەزى توپلارنى چالماي بىزنىڭ بالىلارنى سەل ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى بەزىلىرى جايىدا تۇرۇپلا قالدى شۇ جەرياندا قارشى تەرەپ 2 توپ ئۇرىۋالدى ....كەينىدىن بىزنىڭ ئوڭ بىكىمىز سال چارچاپ قالغاچقا ئۇ تەرەپتىن پايدىلىنىپ يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ، نەتىجىنى 5-3 قىلدى . بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ، مەن ئۆمەر بىلەن ئالماشتىم ھەمدە مەيداندىكى ئەزالىرىمىزنى قايتىدىن روھىنى ئۇرغۇتتۇم ....مەن چۈشۈپ 10 مىنۇت ئىچىدە بىزنىڭ ئارسىلان بىلەن سادىقجان 2 توپ ئۇردى .نەتىجە 7-3 بولدى. مۇسابىقە 60-مىنۇتتا ئوڭ بىكىمىز ئىلھامنىڭ ئورنىغا زاپاس ۋارتارىمىز ئەسقەرنى بىك ئورنىدا (چۈنكى باشقا ئادەممۇ قالمىغان ) ئوڭ بىككە چۈشۈردۇق . ئۇ چۈشۈپ كۆپ توپلارنى توسىۋالغان بولسىمۇ لېكىن سەل قوپاللىق قىلىپ بىر نۇقتا قۇيۇپ بەردى ، كەينىدىن يەنە بىر توپنى ئۆتكۈزۈپ قويدى ، نەتىجە 7-5 بولدى ، كوماندا ئەزالىرى قايتىدىن ئورۇن تەڭشەپ ، سۈرىئىتى بىلەن كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىنايەتكە كۆپرەك توپ تاشلاپ ئۇنىڭ سۈرئىتىدىن پايدىلاندى ، ئىنايەتمۇ بەرگەن پاسلارنى ئىسراپ قىلماي ئارقا ئارقىدىن 2 توپ ئۇردى ، نەتىجەن 9-5 بولدى .....10-توپ ئۇرالامدۇق دەپ تۇرغاندا مەن يەنە مەن .....ئوڭ تەرەپتىن بىر توپنى ئېلىپ 20 مىتىر يىراقلىقتىن بىر توپنى ۋارتاغا بارىدەك يۆگەپ ئۇردۇم ، مەن دەپ قوياي مەن ۋارتاغا ئۇرغان ، پاس بەرمىدىم جۇمۇ ! بۇ ئۇرغان رتوپىمىم ۋارتانى ئېسىپ قويدى ، بۇ مېنىڭ 2011- يىلدىكى ئۈچىنچى « ئاسما كاۋىپىم »! مەنمۇ بىر يىللىق قالپاق ئويۇنىمنى ئويناپ قويدۇم ، ئۇلۇغ ئاللاغا رەھمەت ! مۇسابىقە ئاياقلىشاي دىگەن سادىقجان ئىنايەت بىلەن 3 قىتىم پاسلىشىپ ، ۋارتا ئالدىدا خاۋىي بىلەن ئىنىستادەك بولاپ ئەڭ ئاخىرقى 11- توپىمىزنى ئۇرۋەتتى شۇنداق قىلىپ مۇسابىقىە كۆڭۈللۈك ، ئەھمىيەتلىك ئاخىرلاشتى ، قارشى تەرەپ كوماندىسى بىزگە رەھمىتىنى ئىيتتتى ھەمدە بىرلىكتە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرىمۇ قالدۇرۇشتۇق ، ئاخىرىدا بۇ مۇسابىقىگە كۈچ چىقارغان ھەم تەشكىللىگەن شەخىس ۋە ئورۇنغا مۇھىمى خاقان كوماندىسىدىكى ھەربىر ئەزاغا رەھمەت ئىيتىمىز ، بولۇپمۇ ھۇجۇمچىسى 10-نۇمۇرغا رەھمەت !
توپ ئۇرغانلار : ئۆمەر 4 توپ ، ئىنايەت 2 توپ ، سادىقجان 2 توپ ، ئارسىلان 1 توپ ، ساتتار 1 توپ ، ئىمىنجان 1 توپ ( نۇقتا )
ھۇررا كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەنلەر :
نەبى ، دانىيار ، قەھرىمان ، سادىقجان ، ئىمىنجان ، ئەسقەر(60-مىنۇتتا)
مەمەتيۈسۈپ، ئارسىلان ، مۇھەممەت ئابلا ، ئۆمەر ، ئىنايەت، ئىلھام ۋە ساتتار (مەن، 55- مىنۇتتا)
|